•  

    خەت نۇرمال كۆرۈنمىسە  قاچىلاڭ

    http://tarim68.blogbus.com/files/12172368900.exe

  • بلوگباسنىڭ چەكلىك بۇشلوقىنى كۈزدە تۇتۇپ ،رەسىملەر ئولىنىش قىلىپ قۇيۇلدى . ئادىرىسنى بېسىپ كۆرۈڭ
    5 - ئاينىڭ ئوتۇرلىرى قار ئاران ئىرىدى

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/a9de98abccfe2af07dd92a29.html#IMG=abbc3d27d31ade72935807135

    دەرىسخانىدا

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=a9de98abccfe2af07dd92a29

    بىزگە 3 ئاي تاماق ئېتىپ بەرگەن ئۇيغۇر يىگىتى - ئابدۇگۈل

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=33ab994f8937facc83025c29

    مەمەتچان قار تازلاش ئەمگىگىدە .
    3- ئايدا كەلگەندىن تارتىپ ، تاكى 5- ئايغىچە قار تازلاشقا قاتناشتۇق .

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html

    قاراسۇ دەرياسى . قاراسۇ كۆۋرۈگى

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=c7c5e02e9617bda7023bf629

    كېچە ، قاراسۇ دەرياسى

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=e893360cf5d083ed63d9862a

    ياتغىمىزنىڭ ئالدى كۆرنۈشى . چىقساقلا قارغا دەسسەيمىز

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=12f70e2d2fd069c298250a2a

    مەكتەپ مەيدانى

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=46e77fffa5c82258024f562a

    ناھىيە ئىچىدە

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=8031c6d7c50998e3a8ec9a2b

    ياتاقتا

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=5ce15f674401e25c0d33fa2b

    ئويما رەسىم ئىشلەۋاتىمەن

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=990460e3daf7a612b8382034

    يېتەكچى ئوقۇتقۇچىمىز بىلەن گۈزەل سەنئەت پائالىيەت ئۆيىدە    ئوڭدىن سۇلغا : يۈسۈپچان ئەمەت ( كورلا ) . چېڭ خوڭ يەن ( شەندۇڭ.ھازىرقى يۇرتى قاراسۇ ، يەنى شاڭخۇدى). مەن . مەمەتچان ئىسمايىل ( باي )

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=a8051a77f7f33a208601b035

    ساۋاقداشلىرىم بىلەن ساۋەندە

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=5415666298308018aa184c2b

    شىخەنزىدە

    http://hi.baidu.com/sitniyaz/album/item/2bd544cb17f81701f9dc610c.html#IMG=1ff77530b72cb972241f142b

  • blogbus تىكى بارلىق قىرىنداشلارغا سالام !
     مەن بۇ بلوگنى 3 -ئاينىڭ 15 - كۈنى باشلىغاندىن بۈگۈنگە قەدەر زىيارەت قىتىم سانى 1033 قىتىمغا يىتىپتۇ . ھازىر  تەكشۈرۈپ باقسام ،
     pr)     PageRank  )     قىممىتى  2 گە چىقىپتۇ . كۆپ كۆرۈلگەن يازمىلىرىم  يەنىلا  Blog ۋە تورغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ئىكەن !
    بۈگۈن مەن ئۈزۈمنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە ئاي Blogbus بىلەن ھەپلىشىش جەرياندا ھىس قىلغانلىرىمنى Blogbus تىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلار بىلەن ئۇرتاقلىشىپ بىقىشنى تۇغرا تاپتىم :
       1 - مەن نىمىشقا Blogbus نى تاللىۋالدىم ؟
    مەن دەسلەپتە  سابا بلوگنىڭ قۇرغۇچىسى دوستۇم يۈسەنجاننىڭ ياردىمىدە blogspot تىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ ئشلىگەن ئىدىم . ئەمما blogspot تا ماڭا ئۇستاز بۇلدىغان بىرىسىمۇ چىقمىدى . ئۇنىڭ ئۆستىگە ئۇسلۇپ ئالماشتۇرغىلى بۇلماسلىق ، سەپىلىمىسى تۆۋەنرەك كوميۇتىردا ئارقا سەھنىسىگە كىرگىلى بۇلماسلىقتەك بىر قاتار ئەھۋاللار مېنىڭ blogspot نى داۋاملىق ئىشلەش رايىمنى ياندۇردى . ئەمما مەن Blogbus نى تاللىغاندىن بۇيان يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرسىگىمۇ يۇلۇقۇپ باقمىدىم . بۇ Blogbus نى تاللىغىنىمىنىڭ تۇغرا بۇلغانلىقىنى دەللەپ بەردى .
        2  - Blogbus ئۇيغۇر زىيالىلىرنىڭ ئۈزىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنىسى
     Blogbus تا سەنئەت ، ئىلىم پەن ، ماتىماتىكا ، ئەدەبىيات ، كومپىيۇتىر بىلىملىرى ، يۇمشاق دىتال ، قانۇن ، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق بىر قاتار كەسىپلەشكەن ئىختىساس ئىگىلىرى تۇپلانماقتا .Blogbus قا ئەركىن سىدىق ئەپەندى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىرنىڭ كىرىپ كىلشى Blogbus كەڭ ئۇيغۇر ياشلىرنىڭ بىلىم ئالدىغان كۈتۈپخانىسىغا ۋە ئۈز قاراشلىرنى ئەركىن ئۇتتۇرغا قۇيدىغان سەھنىگە ئايلىنىۋاتىدۇ .
        3 - Blogbus تىكى قىرىنداشلىق مېھرى ۋە ھەمكارلىق
    مېنىڭ ھىس قىشىمدا ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى قىرىنداشلىق مۇشۇ Blogbus تا كۆچلۈك دەپ قارايمەن . بۇ يەردە بىر قىسىم مۇنازىرە مۇنبەرلىردىكىدەك ئادەمنىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان قىلمىشلار مەۋجۈت ئەمەس ، سىز مەيلى قانداقلا (  Blog دا  )  قانداقلا قىيىنچىلىققا يۇلۇقماڭ ، قېينالمايلا ياردەمگە ئېرشەلەيسىز . مەيلى دۇنيا قارا ئەپەندى بۇلسۇن ، مەيلى تارىم 68 ئەپەندى بۇلسۇن ، مەيلى شادلىق ئەپەندى بۇلسۇن مەن ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان باشقىلار بۇلسۇن ،ئۇلار ھەر ۋاقىت بىلگەنلىرنى ئەلدىن ئايىمايدىغان ياخشى ئۇستازلاردۇر .

  • ئۇيغۇر تىلىدا " ئاپا " دەپ تىلى چىققان ،
          " ئۇيغۇر تىلدا " دادا "دەپ  تىلى چىققان ،
                تىلى چۈچۈك  __ ئەشۇ شۇخ ، سۆيۈملۈك باللار
                     چوپچۇڭلا بۇپ كەتتى بۈگۈن ،

                  ئەپسۇس ..................................؟ !
           يات بىر تىلدا ئېيتماقتا ناخشا

    ئاقسۇ . 2003- يىل 10- يانۋار

  • ظاددى كةسىرنىث ظاساسىي خۇسۇسيىتى : ماتىماتكا ظالىملىردىن تارتىپ، ظادةتتىكى باشلانغذچ مةكتةپ ظوقۇغۇچىلىرغىچة 6 \ 3 ، 4 \ 2 ، 2\ 1 لةرنى تةث دةيدذ  .نېمة ظۈچۈن دةپ سۇرسىثىز -قىسقارتىلغاندىن كصيىنكى نةتىنجة تةث يةنى بىرنىث يصرىمى بولىدۇ،دةپ جاۋاپ بىرىدۇ . ظةمما سىز ظويلاپ بىقىث : 2  \ 1 مةثگۈ چوث بولدۇ . نصمىشقا ؟سىز مةلۇم بىر نةرسة ياكى شةكىلنى تةث ظىككىگة بۆلۈپ بىقىث ، ظۇ چاغدا سىزنىث ظالماقچى بولغىنىثىز  بىر پۈتۈن نەرسىنىڭ يىرىمى بولسا ، ظذنى ظىكىلةنمةيلا تاللىيالايسىز . سىز يةنة مةلذم بىر نةرسة ياكى شةكىلنى تةث 10 بۆلةككة بۆلۈپ  بىقىث ، ظۇ چاغدا سىزنىث ظالماقچى بولغىنىثىز يىرىمى بولسا گةرچة ظۇنىث 5 پارچىسى يةنى ظۇخشاشلا 2\1 گة ظىگة بولسىثىزمۇ ،لىكىن 5 پارچىدىن ظىبارةت .
       هةقىقةت : كىچىك پارچة نةرسىلةرنىث بصرىكىپ چوثايمىقى ناهايىتى تةس . ظۇنىث ظةكىسچة چوث نةرسة بولسا مةزمۇت ۋة قاۋۇل كىلىدۇ ، ظۇنىث پارچىلانمىغى ناهايىتى تةس بولىدۇ !

     

    ئاقسۇ  2006.3.12

  • - ظةي بوۋا ، هايات دصگةن نېمة ؟ ، - بىر ياش ياشانغان بىر بوۋايدىن سۇرىدى . بوۋاينىث تةققى - تۇرقى ظاجايىپ ، ظۈزى مۇردىغىلا ظۇخشايتى.
    - ظۇنۇثغا قارا !
    ياش ظذ كأرسةتكةن تةرةپكة قارىدى . بىر بالا مازغاپتىن شارچة پأۋلةپ ظويناۋاتاتتى . شارچىلار قۇياش نۇرىدا ظاجايىپ رةثدار جذلالىق بولۇپ كصتةتتى - يۇ تىزلا ظصتىلىپ كصتةتتى .

    2002.10.26

  • ظادةم بىلةن هاۋ تۇپراقتىن يارالغان ، ظذلارنىث سصهرى كۈچكة باي سأيگۈسى خۇدانى تةسىرلةندۈرۈپ ، ظةنجۈر يۇپۇرمىقىنى بىرىشكة مةجبۇر قىلدى ، ظۇ زامانلاردا مۇهةببةت هةممىدىن ظولۇغ ظىدى .
              هازىر ...... !
                  بىراق..... ؟
                       ظةمما.....!؟
    شۇنداقمۇ ياكى شۇنداق ظةمةسمۇ بىلمةيمةن .

    2000- يىلى 2- ظاينىث 22- كۈنى

  • ظىثثة !
    يصثى بىر هاياتلىق تۈرةلدى .
    نان دصدى ، چوث بولدى ،
    پۇل دصدى باي بولدى ،
    بىراق ظونتۇلدى ظانا ،
    ظاتىمۇ بولدى غىرىپ هةم .
    ظاتتى ظۇ ظأزنى زۇلمةت ظىچىگة ،
    .............................
    بولدى ظأي – ظوچاقلىق ،
    هةم يةنة بالا چاقىلىق ؛
    تۇساتتىن ظۇمۇ بولدى غىرىپ
    چۈنكى چوث بولۇپ كةتكةندى تاشلاپ ،
    يىراقلارغا ...... ظوغذل . ( 1 )
    تۇساتتىن كةلدى ظصسىگة ظاتا – ظانىسى .
    بارغانتى چصپىپ ،
    ظاشۇ يىراق ماكانغا
    ظانا !.......
    ظاتا !.......
    قىنى سىلةر ؟
    " ظۇلار ظاۋۇ يةردة " دصدى بىر بوۋاي " مةثگۈلۈككة ظارام تاپتى " دةپ .
    بىر جذپ ظاددى قةبرة
    كأرگنى شۇ .
    ظوتتۇردا تۇرار بىر ظوغذل قۇنچاق ! ( 2 )

     

    2002- يىلى10- ظاينىث 25- كۈنى

  • يةپ بولغۇچة ظۇخلاپ قالىدۇ قۇياش
    بۈك – باراقسان سصدة دةرخىنىث ،
    غصرىپ بىر تال شىخىدا ......
    لةغمةن ،
    لةغمةن ،
    بولسا يةنة يةيمةن !
    شالاپ - شۇلۇپ ، خالاپ –خۇلۇپ ،
    ۋاھ ! نصمانچة تاتلىق !!!
    كأزنى يۇمۇپ ظاچقۇچة
    قالدى قۇدۇقنىث ،
     ظاستى كأرۈنۈپ ... ... !

     

    2002- يىلى10- ظاينىث 25- كۈنى  ( ئاقسۇ )

  •  
    5 ياشلىق سۈبهىگة
    ظاتاسى بارمذ هأپۈپنىث ،
    ظاناسى بارمذ هأپۈپنىث ،
    هأپۈپ سايرايدذ هأپ – هأپ .
    قۇلى ظةسكى سۈبهىنىث .

          ئەكبەرجانگە
    ظاق تىرةك ، ظاپپاق تىرةك ،
    غذللىرى بۈدۈر – بۈدۈر ،
    تامدىن چۈشتى ظةكبةرجان ،
    ۋاقىراپ گۈلدۈر – گۈلدۈر .
    ( شذ چاغدا تامدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ، پۇتىنى زةخمىلةندۈرۋالغان .)

    زۇلپىيەگە
    باغدا گۈللةر بةسلىشىپ،
    ظصچىلىپتذ هةر ياثزا .
    بةكمذ شۇختۇر زۇلپىية ،
    گةپ ظاثلىسا قاچمىسا .

    2002- يىل 10- ظاۋغوست

  • ئۇيغۇر ئۇرۇندىغان گىپنوز ماھارىتى  
    بىر كۆرشىڭىزگە ئەرزىيدۇ

     بۇ ماھارەتنى ئاتلان تىل تەربىيلەش مەركىزدىن ئىلى مۇئەللىم 3- قىتىملىق  << ئاتلان ئوقۇغۇچىلار تالانت كۈرىكى >> دە نەق مەيداندا كۆرسەتكەن . ئىلى مۇئەللىم ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان گىپنوز ماھارىتىدە   ۋايغا يەتكەن بىردىنبىر ئادەم ھىساپلىندۇ . بەلكىم بىزگە تۇنۇشلۇق بۇلمىغانلىرمۇ بۇلىشى مۇمكىن . لىكىن ئىلى مۇئەللىم ئۇرۇندىغان   جىددى گىپنوز قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقۇرى بۇلغان ماھارەتنى ئۇرۇنداش ، بىر گىپنوز ئۇسىتىسى ئۈچۈنمۇ قىيىن ماھارەت ھىساپلىندۇ

     كۆرۈش ئۈچۈن قارا ئىكراننىڭ ئۆستىگە تاق چىكىڭ !.

    ئەسكەرتمە : سىن ھۆججىتى دىيارىم مۈنبىردىن ئىلىندى

     

     

  •  

     

    بۇ بىر نەچچە كۈندە ئىنتھان ئۈچۈن تەييارلىق قىلمەن دەپ بەكلا ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم . قارىغاندا زامان تەرققى قىلسىمۇ ، يەنىلا مۇشۇ ئىنتىھان دىگەن نەرسە بىزنىڭ بۇ يەردە يۇقالمايدىغان ئۇخشايدۇ . باللار 7 ياشقا كىرىپ ، مەكتەپ بۇسۇغىسدىن ئاتلىغاندىن كىيىنلا  ، قاپىقى يامان مۇئەللىملەرنىڭ ھەيدەكچىلىگىدە ئىنتىھان ئۈچۈن ئۆگەنسە ، تاكى مەكتەپ بۇسۇغىسىدىن چىقىپ كەتكەنگە قەدەر ئىنتىھاندىن قۇتۇلالمايدۇ . بىزنىڭ باللىرىمىزدىكى ئىجاتچانلىق ، تەپەككۈر جانلىقلىغى دەل مۇشۇ ئىنتىھان مائارىپى تەرپىدىن يۇق قىلىنماقتا . مەن قايسى كۆنى قايسى بىر بلوگدىن مۇئەللىمىنى قاتتىق سۆككەن شېىرنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمايلا قالغانتىم . ئەمما سۇغۇققانلىق بىلەن ئۇيلانسام ، بۇ شېىرنىڭ خىلى ۋەزنى باركەن . بەرھەق ، خەلقىمىزنىڭ مىللى مائارىپىمىز ( ئەمەليەتتە بىزگە يات بۇلغان خاسلىقى يۇق ، كۆچۈرۈلمە مائارىپ )دىن نارازى بۇلشى ئىنىق تۇرغانلا گەپ . ئۇلارنىڭ باللىرنىڭ مەكتەپ پۈتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالماسلىقى ، يارامسىز چوڭ بۇلشىنى مۇئەللىمدىن كۆرشىمۇ بەرھەق . سىزمۇ بىر مۇئەللىم بۇلسىڭىز ، بۇ ھەرگىز ئۇقۇتقۇچىنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس دىيشىڭىز، مەندىن سۇرسىمۇ مەنمۇ بۇ ھەرگىزمۇئەللىمىنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس دەپ جاۋاپ بىرىشىم مۇمكىن . تۇغرا مەسلە بۇ نۇرغۇن مەسسىلەرگە چىتىلدۇ . يۇقۇرسى دۆلەت سىياسىتىدىن ، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرغىچە ، تۈۋىنى مەكتەپ مۇدىردىن ، دەرىس ئۈتۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مۇئەللىمگىچە ، جەميەتىنىڭ مائارىپنى قۇللاش دەرىجسىدىن ، ئاتا - ئانىلارنىڭ مائارىپقا بۇلغان تۇنۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىش دەرىجىسىگىچە بېرىپ تاقىلدۇ . بىز نىمە ئۈچۈن مەسلىنىڭ يىلتىزى زادى نەدە دىگەننى ئۇيلاپ باقمايمىز ، ياكى بىزنىڭ مەسىلىنى ئويلاش ئىقىتىدارىمىزنىمۇ ئىنتىھان يۇق قىلۋەتكەنمۇ ؟.....
    21 - ئەسىردىكى بىزنىڭ مائارىپىمىز قانداق بۇلشىدىن قەتىنەزەر ، دۆلەت بىزگە يارتىپ بەرگەن ئەۋزەل شارائىتتىن تۇلۇقى بىلەن پايدىلنىشىمىز زۈزۈر . <<يامانلىغان كېيىن قاپتۇ >> بىز زادى يامانلاپ نەگە بارمىز . كىمدىن يامانلايمىز ، سىياسەت ، تەدبىر بەلگۈلگىچىلەردىنمۇ ، ياكى ئىجرا قىلغۇچىلاردىنمۇ ؟ مەن قايسى كۈنى تۈركىيدە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ يازمىسىدىن تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۈرگىنىم ئىسىمدە : " سىز ۋەتەندە ياخشى ئوقۇيالمىسىڭىز ، بۇ يەردە ياخشى ئوقۇيالىشىڭىز ناتايىن .................. "
      خۇلاسە شۇلكى - سىز ئوقۇغۇچى بۇلسىڭىز ، ياخشى ئۆگىنىڭ ! ئۆسمۈرلۈك ، ياشلىق ۋاقىتىڭىز سىزنىڭ بىلىم ئالىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقتىڭىز ! سىز ئۈچۈن ياخشى مۇئەللىملەر كەم ئەمەس . سىز ئۈچۈن كۈتۈپخانىلار تاقاقلىق ئەمەس !
    سىز ئاتا - بۇلسىڭىز بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىشىگىمۇ ئازراق ۋاقتىڭىزنى سەرىپ قىلىپ قۇيۇڭ ! سىز ئۈزىڭىزنىڭ قايسى قاتلام ، قايسى تائىپىگە تەئەللۇق ئىكەنلىگىڭىزنى ، پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە سىزگىلا مەنسۇپ بولماستىن ،  مىللەتكە ۋەكىللىك قىلدىغانلىقىىنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ ! سىز ئۈچۈن باللىرىڭىزنىڭ ئوقۇشى، دەرىستىن سىرتقى پائالىيىتى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى ساتىدىغان دۇكانلار تاقاق ئەمەس . باللىرىڭىزنىڭ زىھنىنى  ، ئەقىل بولقىنى ئاچىدىغان ، ياخشى ئەخلاقى ئەخلاققى پەزىلەتكە يىتەكلەيدىغان، مەھمۇد،يۈسۈپ  كەبى يىتۈك ئالىملىرىمىزنىڭ سۆزلىرى خاتىرلەنگەن كىتاپلارنى ساتىدىغان كىتاپخانلارمۇ تاقاق ئەمەس .

    2009- يىل 14- ئاپرىل ( ئۈرۈمچى )

  • بلوگىڭىز نامى ۋە مەزمۇنىنى تېخىمۇ كۆپ كىشلەر بىلسۇن دىسىڭىز تۇۋەندىكى ئىزدەش ماتورلىرغا ئولانما قىلىڭ !

     baidu غا ئولانما قىلىش ئادىرسى
    http://www.baidu.com/search/url_submit.html
     
    yahoo  غا ئولانما قىلىش ئادىرسى
    http://search.help.cn.yahoo.com/h4_4.html

    google غا ئولانما قىلىش ئادىرسى
    http://www.google.com/addurl/

     hao123 گە ئولانما قىلىش ئادىرسى
    http://221.12.147.30/url_submit.php

      ( zhongsou  ( 中国搜索 غا ئولانما قىلىش ئادىرسى
    http://ads.zhongsou.com/register/page.jsp

      ( youdao  ( 有道  غا ئولانما قىلىش ئادىرسى
    http://tellbot.youdao.com/report_thanks

    TOM  غا ئولانما قىلىش ئادىرسى
    http://search.tom.com/tools/weblog/log.php

    MSN غا ئولانما قىلىش ئادىرسى
    http://beta.search.msn.com/docs/submit.aspx

     

  •  

    سالام ساڭا ئەي ئۈيغۈر قىزى
    كىلىن بۈلۈپ ئەرەپ ئىلىگە
    كەتتىڭ ئانا ۋەتەننى تاشلاپ.
    ئاناڭ قالدى كىچك چىغىڭدا
    سەن ئوينىغان قورچىغىڭنى باغاشلاپ.
    بۈنىڭدىن ئۈتەمدۈ دىلدىكى ئازاپ
     ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىگى
    تىلۋۈزۈردىلا تونۈشقان شەھەر.
    ساڭا ياشاش مۈۋاپىق ئەمەس،
    ئىدى بىلسەڭ سۈيۈملۈك دىلبەر.
    ئەرەپ دىيارىدىكى ئەرلەر جۈمەدىن يىنىپ
    جۈڭگۈلۈق پاھىشە ئاياللار قوينىغا دۈم چۈشەر.
    پەيغەمبەر تىلىدا سۈزلەيدىغان ئەرەپكە
    تۆت خوتۈن ئالسىمۈ يەنە ئاز كىلەر.
    رەشىك ئۆلدى ھەقچان سەندىكى
    ئىرىڭ ئالسا ئۈستىلەپ خوتۈن.
    ئۈيغۈر يىگىتنى ئەسلەپ يىغلايسەن،
    بىراق سەن بەش باللىق خوتۇن.
    ۋەتەننىڭ توپاچاڭلىرى
    بىلىنگەندە ساڭا تۈتيا
    سىزىسەن ئۈزۈڭنى
    ئۆلمەي گۆردە ياتقاندەك گويا.
    ئۈيغۈرنىڭ ئىسسق نانلىرى پۈراپ كەتسە،
    بالاڭنىڭ ينىدىن يىغلاپ ئويغۈنۈپ
    ئاناڭدەك ئىسىلىپ يىغلايسەن بالاڭغا.
    ھىچنىمە،
    ھىچكىم بىرەلمەس تەسەللى
    كۆز ياشلىرىڭدىن باشقا.
    ئەرەپ دىيارىدا بوران چىقسا
    تىرىكلىگىڭنى ئەسكە ئالسەن،
    شامالغا قاراپ يىغلايسەن
    چاقماق چھرىدە چاقنىسا ۋەتەن.
    تاڭ ئاتار
     ئەرەپلەر گۈناھنىڭ باغىرىدىن سۈغۈرلۈپ ئاستا،
    جۈنەپ كىتەر ئاللانىڭ ئۆيىگە.
    مەسچىت تام
    ئەرەپلەرنىڭ يۈرىگى تام
    ئەرەپلەرنىڭ ۋەتىنى تام
    ئائىلسى تام
    تام ئىچىگە قورشالغان ھەممە.
    تەكلىماكان
    تارىم ۋە بۈغدا
    خىيالىڭدا بىر پارچە ۋەتەن.
    كۆز يىشىڭنىڭ دانچىسى بىلەن قوشۈلۈپ
    يەرگە سىڭىپ كىتەر بارچە تەن.
    ۋۈجۈدۈڭغا سولانغان ۋەتەن
    تىپچەكلەيدۈ قوسىغىڭدىكى بالىدەك
    ۋەتەننىڭ چىھرىنى بىر كۆرمەك بۈلۈپ.
    خوراز چىللىماس تاڭ ئاتقاندا ئەرەپتە
    مۈقام ياڭىرىماس ھىيت بايرامدا ئەرەپتە
    شامال چىقسمۈ
    يامغۈر ياغسىمۈ
    ئادەم ئۆلسىمۈ
    ئازاپ چەكسىمۈ
    بارچە ئىش ھەم
    بارچە ھادىسە
    يۈز بىرىدۈ پەقەت ئەرەپچە.
    سەن ھىجاپ ئىچىدىكى ئۈيغۈر قىزى
    كۆلكىلىرىڭ ئەمەس ئۈيغۈرچە،
    ئەمەس يا ھىچ ئەرەپچە
    يىغلايسەن كۈلسەن پەقەت ئادەمچە.
    ئىرىڭ سىنى ئاچ قويمىسلا ئەر
    يالىڭاچ قويمىسلا ئەر.
    پەيغەمبەرنىڭ تىلىدا
    ھەدىستىن سۈزلەپ قايىل قىلدۈ
    بەشىنچى خوتۈننى ئالماقچى بۈلۈپ.
    يىغلايسەن قاخشايسەن
    ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن بىرى
    سەن يەر شارىغا مۈساپىر.
    بۈغۈزۈڭغا كەپلەشكەن ئازاپ
    قىچىپ چىقار قەلبىڭدىن
    سۈزۈك ياش دانچىلىرىغا ئايلنىپ.
    ئانا تىلنى سۈزلەشكە پۈرسەت يوق
    ئۈزۈڭگە سۈزلەيسەن چۈشەنمەس بالاڭ.
    ئۈلارنىڭ سەبى قاراشلىرى
    دۈنيادىكى بىرىدىن بىر تەسەللى.
    سەن سانسىز پەرھىزلەر ئارا
    قىستىلسەن تامغا، ئاراچقا,
    ياتاق ئۆيگە ئاشخانىغا.
    مەر-مەر رۈجەكلىك دەرىزلەرىدىن زىرىكىپ
    قارىغۈڭ كەلمەس ھەتتا ئاسمانغا.
    كۆزۈڭنى يۈمۈپ ۋەتەندىكى يوللارنى،
    قاسماق باسقان پەلەمپەيلەرنى
    تۈققنىڭدەك مسىكن تىلەمچىلەرنى
    ئىزىڭ قالغان لاي كوچىلارنى
    پۈچۈق تونۈر . ئاشخانىلارنى،
    ئەسلەپ چىقىسەن
    رەسىمنى سىزىپ چىقىسەن
    بارمىقىڭ بىلەن ساناپ چىقىسەن
    خىيالڭدا دۈڭكۈرۈككە بىرىپ كىلىسەن
    قەشقەرنىڭ دوغىنى ئىچىپ كىلىسەن.
    خيالىڭىدىكى تويدا
    مەس بۈلۈپ جىدەل قىلسا ئۈيغۈر يىگىتلەر،
    قورقۈپ ئۈيۈڭگە قىچىپ كىلىسەن.
    ئۈرۈمچى ئاياللىردەك ئىچىپ قانغىچە
    ئۆيۈڭگە مەس پىتى يىنىپ كىلىسەن .
    ئۈيغۈرچە ياشاشنىڭ پەيزىگە
    ناخشىسغا، كۈلكىسگە
    شاتلىغىغا، قايغۈسىغا
    تويلىرىغا، ماتىمىگە
    خىيالڭدا بىرىپ كىلسەن.
    پەقەت ھەممىگە
    چۈشلىرىڭىدە قىنىپ كىلىسەن.

    راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
    مەنبە : بەرقىي ئەدەبىيات مۈنبىرى

  • ئۈ قانلىق جەڭ بىلەن يىزىلغان قامۈس ،
    ئىنساننىڭ ئەسەبى تەلۋە سىماسى .
    كىملەر مىڭ ئۈلۈپ تىرىلسە جەڭدە ،
    كىملەرنى قىينىغان شەرەپ سەۋداسى.

    قەھرىمان ھەم خائىن كەتتى تەڭ ئۈلۈپ ،
    قالدۈرۈپ جاھانغا سىېسىق كىپەننى .
    ئەۋلاتلار ئاتىسىز بالىدەك يىتىم ،
    كىم يۇلار پۈتىغا پاتقان تىكەننى .

    جەڭگاھتا گۆمبۈرلەپ ياڭرىغان ناغرا ،
    تۇرماقتا باغچىدا پارچە پۈل كۈتۈپ .
    قلىچنىڭ پارچىسى سىسىق كىيىملەر ،
    تۇرماقتا بىر چەتتە مىسكىن شۈمشىيىپ .
    دەرەخكە ئىسىلغان دۈبۈلغا ساۋۈت،
    تتىرەيدۈ شامالدا قاچاق ئەسكەردەك.
    تاش ئىتىپ ئوينايدۈ ئۈنى باللار.
    قەپەزگە سولانغان بىچارە شىردەك،
    قان ھىدى تەپچىرەپ تۇرغان ھەيكەللەر،
    ياسالدى كوچىغا شۈنچە بەھەيۋەت.
    ياۋۈزلۈق شۈملۈقنىڭ شاھىدى بۈلۈپ ،
    سۈكۈتتە تۇرىدۈ مۈزلىغان جەسەت .

    راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
    مەنبە : بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى

  • سۆزىڭىزنى ئەستە تۇتتۇم گاھ تۇتالمىدىم ،
    ئۆمىدىڭىز ئاقلىدىم گاھ ئاقلىيالمىدىم ،
    ئەجىرىڭىزگە لايىق جاۋاپ قايتۇرالمدىم ،
    سىز كۆتكەندەك ئادەم بولدۈم گاھ بۈلالمدىم ،
    دۈئا بىرىڭ بەختىمگە ئۆمرۈمگە ئانا ،

    سەبىلىگم بولدى سزنىڭ دوس ئاداشڭىز .
     ماڭا ئىغىر كۆنلەر كەلسە دەريا ياشڭىز ،
      ئارزۈلۈرۈم چىچەك ئاچسا كۆكتە باشڭىز . 
    بۇ ئالەمدىن تىپىلماس ھىچ بەرداشىڭىز ،!
    دۈئا بىرىڭ بەختىمگە ئۆمرۈمگە ئانا .

    مىھىر بىرىپ ئۆستۇردىڭىز مىنى جان ئانا .
    ئات بولدىڭىز چۆلدە قالسام بۇلۇپ باشپاناھ .
    تامچە سۇغا زار بۇلۇپ مەن قالغان چىغمدا .
    كۆز يىشىڭىز دەريا بۇلۇپ ئاقتىغۇ ئانا .

    راخمانجان ئۇزھال ئاۋۇت شېئىرىلىردىن
    مەنبە :بەرقى ئەدەبىيات مۈنبىرى

  •     (  ئابدۇسەمەت ئابدۇراخمان  )

    سارغايغان ياپراقلار سۇلاشقانچىمۇ ،
    تۈكۈلدى يامغۇردەك ئۆستى باشقىمۇ ،
    تۇتۇلدى يەر-جاھان ،ھاۋايى كۆكمۇ ،
    يۇقالدى چوقانلار ، نە ئۇچار قۇشمۇ ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    كۈزلىرى قاتقان نۇرسىز ئۈمىدسىز ،
    ياپراقلار باسقان كەمسىز _كۈتسىز ،
    قاراڭ ئۇ بىر ئۇز يىگىت ، ئۇ شۇنچە غەمسىز ،
    ياق ئۇ بىر غەمگە پاتقان ، ئۇ بىر نىجاتسىز ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    بۇ ھالغا ئېچىندى ئىگىلدى باشلار ،
    كۆزلەردىن تۈكۈلدى ھەسرەتلىك ياشلار ،
    خانتەڭرىم ئېيتتكى - ئەي يىگىت ئاڭلا ،
    نىمانچە غەمدە سەن شۇنچە تىز ياشلار ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    كۆتۇر باشنى، بولغىن سەن قامىتى بەستىلىك ،
    ۋەتەن مىللەت ئۈمىدى سەن بىلەن چەكلىك ،
    سانسىز رەقىپلەر جەڭگاھتا بىر سەنلا يۈرەكلىك ،
    مەۋجۈتلىقىڭ بەھرى مىللەت ،مەڭگۈ ھەيۋەتلىك ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    دەل شۇ چاغ تەڭرىدىن كەلدى بىر نىدا ،
    تاغۇ - دەريا ، يەر زىمىندىن ياڭرىدى سادا ،
    نىچۈن دەرتمەن ، ئەي يىگىت ئىگەڭدۇر خۇدا ،
    ھالىڭنى ئېيت ، بەختىڭدىن قالمىغىن جۇدا ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    ئاھ ، يىگىت ! ھالىڭنى شائىرلار قۇرلارغا قاتسۇن ،
    ئاشىق كەبى ھالىڭغا خانتەڭرىم يەتسۇن ،
    ئېيت مۇنۇ ھالىڭغا ، مەجنۇن نە قىلسۇن ،
    لەيلى كەبى ھۆر -پەرىلەر  بىر قاراپ سۇلسۇن ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    قاتقان كۆزلەر قايتىدىن ھەركەتكە كىلىپ ،
    خۇرسىندى ئەلەملىك ساماغا بىقىپ ،
    ئېيتتى مۇڭزار كۆز يېشى تىنىمسىز ئىقىپ ،
    زارلاندى دىللارنى ئىزىپ ئۈن سېلىپ ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    ..........................................

    مەن بىر يەككە- يىگانە ئاقنانچى يىگىت ،
    ئوقۇيمەن ئۈزۈمگە لەنەتلەر ئىسسىت .
    ئاھ قەدىرلىك ئاتام مەندىن نا ئۈمىد ،
    مانا شۇ بىغۇبار ئانام دېدى سەن بىر ئىت ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    بۇلدى مەندىن خۇلۇم - خۇشنا ، ئەل يۇرت ھەممىسى بىزار ،
    ئورۇق - تۇققان ، دوست ئاداشىم ھەم سۆيگەن نىگار ،
    ئاھ پەلەك ئىيت نىچۈن بولىمەن خارۇ - زار ،
    يۇق چارە شۇنۇڭئۈچۈن يىغلايمەن زار - زار ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    ئارمانىم شۇ ئىقبال ئېچىپ كۈلسىچۇ خەلق ،
    دىيارىمدا زەپەر قۇچۇپ ، ئەيلىسەم شاتلىق ،
    ۋەتەن تۇتۇپ ياراتسامچۇ ھەتتاكى تارىخ ،
    بەس ! ئەپسانە بۇ بىر خىيالى قىلىق ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    شۇنۇڭئۈچۈن بۇ جاھانغا نەپرىتىم تاشتى ،
    يىراق دۇنيا كەلگۈسۈمگە ئۈمىدىم قاچتى ،
    ئاھ ، ئۆتمۈشتىكى تۇلپىرىمىز نەقەدەر شاشتى ،
    خىيالىم - شۇل تولپارلار نىچۈن بۇشاشتى ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    خانتەڭرىم شۇنۇڭئۈچۈن سۇرايمەن سۇئال ،
    دىلىمنى ئۆرتىگەچ ئەلەملىك بۇ ھال ،
    نە قىلاي ئەيلەشئچۈن خەلقىمنى خۇشال ،
    ئۇلەيمۇ - ئۆچەيمۇ ، تىلەيمۇ ئىقبال ،
    ئاھ ، يىگىت !بۇ سىنىڭ ئۈمىدىڭ شۇمۇ ؟

    ( ئەسكەرتمە : دوستۇم ئابدۇسەمەت ئابدۇراخمان بۇ شېئىرنى ئاقسۇدا 1998- يىلى 
     پۇتى سۇنۇپ كىتىپ ، كېسەل كارۋىتى ئۆستىدە يازغان ، شېئىردا گەرچە ئازراق چۇۋالچاقلىق بۇلسىمۇ ، لىكىن ئادەمگە زور رۇھىي ئۇزۇق بىرەلەيدۇ ، شۇ چاغدىكى 20 ياشلىق يىگىتنىڭ تارتىشغا بولمايدىغان روھى ئازاپلار ئادەمنى ئىزتىراپقا سالىدۇ ، دوستۇم گەرچە تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، ھازىرغا قەدەر يازغان شېئىرى پەقەت مۇشۇ بىرلا بولسىمۇ توغما تالانت ئوخچۇپ تۇردۇ ، دوستۇمنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن ساقىلىغان بۇ شېئىرنى بۈگۈن بلوگىمدا ئېلان قىلدىم . )

  • ئازغان روھ

    بۇ زامان ئەھلىدە قالمىدى ۋاپا ،
    گۈل تۈۋىدە ئۈنەر نىچۈن شۇم بويا ؟
    پەلەك ھەر قاچان ۋاپاسىز ساڭا ،
    بىلگەن كىشى يۇقتۇر بۇ سىرنى ئەسلا .

    ئادەملەر ۋە دۇنيا ئۈچۈن تىپىلماس داۋا ،
    ئەجەل قۇشى ۋاقىتسىز قۇنار بېشىڭغا .
    بەرسەڭمۇ ئۇنۇڭغا ئۇچۇملاپ تىللا ،
    ئاھ يانماس ئۇ ، مەڭگۈ ئارقىسىغا .

    توغۇلغان كۈنۈم

    تەپەككۈر ئۈنچىلىرىم چېچىلسا گەر يان ،
    تەرسە ئۇنى تۇخۇلار چەشمەئىي دان ،
    شۇندا خۇش بۇلاتتىم ، سالاتتىم چۇقان ،
    بۇلاتتى تۇخۇلار ئەقىلدار شۇئان .

    يۇقالسا نادانلىق بۇ ئەلدىن تامام ،
    بۇلمىسا دەيمەن پىتنىخۇرلارمۇ ھەم ،
    ئاھ ، ۋىجدانسىزلارغا بۇلسا قىيامەت ،
    بۇلاتتى مېنىڭ توغۇلغان كۈنۈم .

    تانمىغىن

    ئويلىدىم ئېتى ئۇيغۇر دۈتمىدۇ شۇنداق ،
    بەزىلەر ئېيتقاندا بىزدىن ئەلادۇر قالماق .
    لىكىن كۆردۈم ئابدۈشكۈر ۋە ئەسسەتلەرنى ،
    يازدى ، يازماقتا ، يازماقچى << بۈيۈك ئۇيغۇر >> نى .

    گۇناھ ئەمەس مىللىتى ئۇيغۇر بۇلماق ،
    بۇلدى مودا بەزىلەرگە ئۇندىن تانماق .
    كۆر ئەنە ، قان بىلەن يېزىلغان تارىخ ،
    ئۇيلىغىن ، نىمىشقا بۇلدۇق بىز شۇنداق ؟

     

    ( ئاقسۇ )      2003.01.13

  • مېىڭچە ھەسەتخۇرلۇق سىز ۋە باشقىلار دەۋاتقاندەك ئانچە يامان ئىللەت ئەمەس . تىرىشچان كىشلەرنىڭ ھەممىسى بەكمۇ ھەسەتخۇرلاردۇر . بۇنداق كىشلەرنىڭ كۆڭلىگە ھامان بىر كۈرۈنمەس دۈشمەن يۇشۇرنىۋالغان . بۇ دۈشمەن لىنكۇلىندەك ئاددى ئۇتۇنچىنىڭ ئوغلىنى سىياسى ھۇقۇقنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى زوڭتۇڭلۇق ئورنىغا چىقارغان . بۇ دۈشمەن يەنە ناپالىئۇندەك بىر تۈۋەن دەرجىلىك ئەسكەرنى ھەربى ھۇقۇقنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە ، ئاندىن ئۇنى يەنە ياۋروپا ۋە دۇنيا تارىخىدا ئىزى ئۆچمەس بۈيۈك ئىمپراتۇرغا ئايلاندۇرۇپ قۇيغان . ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن ، بۇ كۈرۈنمەس دۈشمەننىڭ تۆھپىسىدىن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا پارلاپ نۇر چاچقان زاتلارنى ، بۇ ئەرزىمەس خاتىرگە پۈتسەك بۇ خاتىرە بەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ ئەلۋەتتە .
        چەتئەللىك ھەسەتخۇرلار باشقىلار ئۈزىدىن ئېشىپ كەتكەندە ،ئۇلارنىڭ نەتىجىلىردىن ئۆزلىرىگە بىسىم ھىس قىلىدۇ - دە ، ئۇلارنى يېڭىشكە ، ئۇلاردىن ئۈتۈپ كىتىشكە جان - جەھلى بىلەن ئىنتىلىدۇ . ئۇلارنىڭ رۇھى دۇنياسىدىكى بۇ خىل كۈچ ئالىملار ھازىر تەتقىق قىلۋاتقان ئەڭ يېڭى دېۋگاتىلدىنمۇ كۈچلۈكتۇر . شۇڭا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا  ھەسەتخۇرلۇقنى قەدىرلەشكە ، قۇغداشقا ئەرزىيدۇ ، دەپ قارىساق ئارتۇقچە بۇلمايدۇ .
       خۇش ! ئەي سۈزۈمنى ئاڭلاۋاتقان ئۇيغۇر جەمئيىتىنىڭ پەخىرلىك ئوغۇل - قىزلىرى  ، سىلەر ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ ؟ بىز زادى ھەسەتخۇرلۇقنىڭ ئەسلى ماھىيتى بۇيچە پەن - تېخنىكا ، بىلىمدە بەسلىشەمدۇق ياكى ھازىرقى پەدىمىزدە بىر - بىرمىزنىڭ ئۇرىمىزنى كۇلامدۇق ...?

              ( ئاقسۇ )            2002.12.11

  • بارارمەن شانلىق زەپەرلەر قۇچۇپ ،
    تاڭدا چاقنىغان چۇلپانغا ئۇخشاش .
    ياكى بۇلارمەن سائىل دېۋانە ،
    كىپەنسىز قالارمەن يىتىمغا ئۇخشاش .

    مەيلى ھىچقىسى يۇق ، چەكمەسمەن پىغان ،
    كەتسەم ئۇيقۇغا تۈكۈلمەس يېشىم .
    ئەمەسمەن بىچارە ، بولغان ئىسيانكار ،
    تۇپراق دەر ئوغلۇم كەل دەپ مىڭ قېتىم .

     (ئاقسۇ )          2002.11.11

  • ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇرچە تۇر خاتىرسى
    http://meripet.blogbus.com/
    نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى ئورخۇن تور خاتىرسى
    http://orxun.blogbus.com/

  •  

    ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يىتەر،
    سەندە مال يوق. ئەمدى كەتسە جان كىتەر ،
    بۇ ئۈلۈمدىن ئۈزۈڭنى قۇتقازمىساڭ ،
    ئاھ ،سىنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

    قوپ دىدىم بېشىڭ كۆتۈر! ئۇيقۇڭنى ئاچ!
    رەقىبىڭ باشنى كەس،قاننى چاچ!
    كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
    ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج.

    ھىلىمۇ جانسىزغائوخشايدۇ تېنىڭ،
    شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
    قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
    ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟!

    كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
    ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.
    كەتسە قولدىن بۇ غەنىيمەت پۇرسىتى،
    كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق،ئىشىڭ چاتاق.

    ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،
    سەبدىشىم،قېرىندىشىم بىر تۇققىنىم.
    كۈيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سىنى،
    ئاڭلىمايسەن زادى، نىمە بولغىنىڭ؟

    كىلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
    تەكتىگەگەپنىڭ شۇ چاغدا يىتىسەن.
    <خەپ!> دىسەڭ ئۇچاغدا ئۈلگۈرمەي قالار،
    شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بىرىسەن.

    مەنبە: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىن تاللانما

  • تۇرغۇن ئالماس
    (2001 - 1924)


    تەنلىرىم ياپراق ، تىترەپ توختىدى ،
    يۈرۈگۈم دەردلىك ئەركىن سوقمىدى .
    چۈنكى ئەي يايرىم ، سېنىڭ ھالىڭنى ،
    كۆردۈم پىغاندا ، غۇنچە چاغىڭنى .

    ئاستىلاپ ئۆسۈپ ، ئونبەشكە كەلدىم ،
    تېخىمۇ دەھشەت باستى پەلەكنى .
    دۈشمەننى بىلمەي ، دوستۇم دەپ يۈرۈپ ،
    بىر نامەرد زالىم قانخور ئەزدى يۈرەكنى .

    ئويغان ئەي يايرىم ، رەقىپلەر يامان ،
    ئەگەر ئويغانمىساڭ ، يىغلاتۇر زامان .
    مېنىڭ چىرايىم ، سارغايدى سامان ،
    ئەمدى مەن كەتتىم ، سەن قالغىن ئامان

  • 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى،مارتىن.لۇد.كىڭ ئامرىكا تارىخىدىكى مۇھىم تەسىرگە ئىگە بولغان «ئەركىنلىك يۈرۈشى»ھەركىتىنى تەشكىللىگەن.ئۇ غايەت زور نېگىرلار قوشۇنىغا سەپەرۋەرلىك قىلىپ،ئامرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يۈرۈش قىلىپ،ئامرىكا نىگىرلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرگەن.ئۇنىڭ لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىدا 250مىڭ كىشىگە قىلغان «مېنىڭ ئارزۇيۇم I Have a Dream»دىگەن نوتۇقىدا،ئېرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش،ئىنسانىي باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش شۇئار قىلىنغان.ئۇ 1964-يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،1968-يىلى 4-ئاينىڭ 4- كۈنى تىنناس شىتاتىدا قەسكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان.
    مېنىڭ ئارزۇيۇم
    100يىل ئىلگىرى،بىر ئۇلۇغ ئامرىكىلىق نېگىر قۇللىرىنى ئازات قىلىش خىتاپنامىسىغا ئىمزا قويغانىدى،بۈگۈن دەل شۇ كىشىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ تۇرۇپتىمىز،بۇ خىتاپنامە زۇلمەتتىكى نۇرلۇق چىراققا ئوخشاش،مىليونلىغان ھاياتلىقى دەپسەندە قىلىنغان نېگىر قۇللار ئۈچۈن ئۈمىت ئېلىپ كەلدى.ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى خۇددى تاڭ شەپىقىدەك،نېگىرلارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان زۇلمەتلىك تۇرمۇشىغا خاتىمە بەردى. ئەمما 100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،بىز نېگىرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدەك ھەقىقەتكە يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمىز!100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،ئېرىقىي كەمسىتىشنىڭ ۋە ئېرقىي ئايرىمچىلىقنىڭ ئېغىر ئىشكەللىرى ئاستىدا،نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى زەئىپلىكتە ئۆتىۋاتىدۇ.100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى مول بايلىققا تولغان دىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاقاس ئارالدا تۇرىۋاتىدۇ.100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە،نگىرلار يەنىلا ئامرىكا جەمئىيىتىنىڭ بىر بۈرجەكلىرىدە ياشاۋاتىدۇ،ھەمدە ئۆز زىمىنىدا سەرگەردانلىقنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ.بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەردە يىغىلىشىمىزمۇ،دەل شۇنداق كىشىنى ھەيران قىلىدىغان ھەقىقىي ئەھۋاللارنى خەلقى -ئالەمگە ئېچىپ بېرىش ئۈچۈندۇر! مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،بۈگۈن بىز بېرىلگەن ۋەدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختىگە يىغىلدۇق.جۇمھورىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى »نىڭ يۈرەكنى تىترىتىدىغان ھەر بىر سۆزلىرىنى يازغىنىدا،ھەر بىر ئامرىكىلىققا ۋەدە بېرىپ،ھەر بىر كىشىگە ھاياتلىق،ئەركىنلىك ۋە بەختنى قوغلىشىشىنىڭ مۇقەددەس ھوقوقىنى بېرىمىز دىگەنىدى. رەڭلىك ئېرقتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن،ئامرىكا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىدى.ئامرىكا بۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى،ئۇ نېەىرلارغا بىر پارچە قۇرۇق چەك كىسىپ بەردى خالاس!بۇ چەككە«مەبلىغىمىز يىتىشمەيدۇ»دىگەن تامغا ئۇرۇلغاندىن كىيىن،يەنە قولىمىزغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.ئەمما بىز ھەققانىيەتنىڭ بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغىنىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز!بىز بۇ دۆلىتىمىزنىڭ غايەت زور پۇرسەتلەر خەزىنىسىنىڭ قۇرۇپ قالغىنىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز!شۇڭا بۈگۈن بىز بۇ چەكنى ئەمەلىلەشتۈرمەكچى---بۇ چەك بىزنى قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ھەققانىي كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. :بىز بۇ مۇقەددەس يەرگە كېلىپ ئامرىكىنى تەكىتلىمەكچى،ھازىر ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي،ھازىر ئۆزىمىزنى بېسىۋىلىشقا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلاندۇرۇش ئۇكۇللىرىغا بويسۇنالمايمىز!ھازىر دەل دىمۇكراتىيە ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان پەيىت!ھازىر دەل ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ قاراڭغۇ جىلغىسىدىن مىللىي باراۋەرلىكنىڭ نۇرلۇق يولىغا قەدەم قويىدىغان پەيىت!ھازىر دەل پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئوغۇل -قىزلىرىغا پۇرسەتلەر ئىشىكىنى ئاچىدىغان پەيت!ھازىر دەل دۆلىتىمىزنى ئېرىقىي باراۋەرسىزلىكنىڭ تەتۈر قاينىمىدىن ياندۇرۇپ،ئاكا-ئۇكا باراۋەرلىكىگە كەلتۈرىدىغان پەيت! ناۋادا ئامرىكا ۋاقىتنىڭ تەخىرسىزلىكىگە ۋە نېگىرلارنىڭ قارارىغا سەل قارايدىكەن،ئۇنداقتا،ئامرىكىغا نىسبەتەن بۇ ئەجەللىك زەربە بولۇپ قالىدۇ.ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ خۇش ھاۋا كۈنلىرى يىتىپ كەلمەيدىكەن،نېگىرلارنىڭ قەھرى جاھاننى ئالىدۇ.1963-يىلى جەڭنىڭ ئاخىرىلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ،ئەكسچە باشلىنىشىشىدۇر!بەزىلەر نېگىرلارنى ئانچە -مۇنچە ئۇچۇغداپ قويساقلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ ئويلىشىدۇ،ناۋادا دۆلىتىمىز بۇ ئىشقا پىسەنت قىلمايدىكەن،بۇنداق خىيالچىلار ئۈمىتسىزلەنمەي قالمايدۇ.نېگىرلار پۇقرالىق ھوقوقىغا ئېرىشەلمەيدىكەن،ئامرىكىغا تىنچ-ئامانلىق يوق!ھەقىقەتنىڭ نۇرلىرى بىر كۈن يىتىپ كەلمەيدىكەن،قارشلىق بورانلىرى بۇ دۆلەتنىڭ ھۇلىنى تەۋرەتمەي قالمايدۇ! ئەمما ھەققانىيەتنىڭ دەرۋازىسىدا تاقىتى تاق بولغان كىشىلەرگە بەزى گەپلەرنى قىلىشىم زۆرۈر.قانونىي ئورنىمىزغا ئېرىشىش مۇساپىمىزدا،خاتا يوللاردىن،خاتا ئىشلاردىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر.ئەكىنلىككە بولغان تەقەززالىقىمىزنى دەپلا،دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك جامىدا شاراپ ئىچسەك بولمايدۇ.بىزنىڭ كۆرەشلىرىمىز مەڭگۈ توغرا يولدا،قاتتىق ئىنتىزام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىمدۇر.بىزنىڭ يېڭى مەۋقە ئۇقۇمدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمىز زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتسە بولمايدۇ.بىز ئىشلىرىمىزنى روھىيەت بىلەن ماددى دۇنيانى يېڭىدىغان دەرىجىگە كۆتۈرۈشىمىز لازىمدۇر. نېگىرلار دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىنقىلاۋى روھىمىز بار،ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا بارلىق ئاق تەنلىكلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقاتساق بولمايدۇ،چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئاق تەنلىك ئاكا-ئىنىلىرىمىز شۇنى تونۇپ يەتتىكى،ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ تەقدىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۈگۈنكى يىغىلىشىمىزغا قاتناشقان ئاق تەنلىكلەر بۇنىڭ پاكىتى.ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز زىچ باغلىنىشلىق،بىز ئايرىم ھەرىكەت قىلساق بولمايدۇ. بىز ھەرىكەتلەنگەندە چوقۇم ئالدىغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك،كەينىمىزگە يېنىشقا بولمايدۇ،ھازىر بەزىلەر ئوتيۈرەك ئىنسانىي ھوقوقچىلىرىدىن «سىلەر قاچان زارى بولىسىلەر؟»دەپ سورىشىۋاتىدۇ. ئەگەر نېگىرلار داۋاملىق ساقچىلارنىڭ ياۋۇزلارچە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن،بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز! cئەگەر بىزنىڭ مىھنەتكەش گەۋدىمىز يول بويىدىكى ياكى شەھەرلەردىكى مىھمانخانىلارغا سىغمايدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز! ئەگەر نېگىرلارنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش دائىرىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ كىچىك نامراتلار رايونىدىن چوڭ نامراتلار رايونىغا يۆتكىلىدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز! ئەگەر مىسسىپى شىتاتىدا يەنە بىر نېگىر سايلامغا قاتنىشالمايدىكەن،ناۋادا نىيويوركتىكى بىر نېگىرنىڭ سايلام بىلىتى ئەتكەس قىلىنىدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز! ياق!بىز ھازىر ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز،كەلگۈسىدىمۇ ھەققەنىيەتنىڭ دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلىمىغۇچە ،بىز ھەرگىزمۇ رازى بولالمايمىز!  مەن دىققەت قىلدىم،بۈگۈن يىغىلىشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا زۇلۇمنى بولۇشىغا تارتقان،ئەمدىلا تار قاماقخانىلاردىن چىققان،ئەركىنلىكنى قوغلاشقىنى ئۈچۈن،ئۆز زىمىنلىرىدا ئۆلگۈدەك تاياق يىگەن.ساقچىلارنىڭ بورانلىرىدا يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەر باركەن،سىلەر ئىنسانلار پەيدا قىلغان ئازاپنىڭ دەردىنى تارتقانلار،تىرىشىڭلار،شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى،سىلەرگە تەئەللۇق بولمىغان ئازاپلارنى تارتىش بىر خىل گۇناھىنى يەڭگىللىتىش يولىدۇر. بىز مىسسىپىغا قايتايلى،ئاراباماغا قايتايلى،جەنۇبى كارولىناغا قايتايلى،گىئورگىيەگە قايتايلى،لۇئىس ئانناغا قايتايلى،بىزنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلىرىمىزدىكى نامراتلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىمىزغا قايتايلى،كۆڭلىمىزدە سان بولسۇنكى،بۇ خىل ئەھۋال ھامىنى بىر كۈنى ئۆزگىرىدۇ،بىز ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ. دوستلىرىم،بۈگۈن سىلەرگە شۇنداق ئېيتالايمەنكى،مۇشۇ دەقىقىلەردە،بىز ھەر خىل ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچرىساقمۇ،بىز يەنىلا ئارزۇغا ئىگە،بۇ ئارزۇ ئامرىكىنىڭ ئارزۇسى ئىچىگە يىلتىز تارتقان بىر ئارزۇ! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،بۇ دۆلەت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،«بۇ ھەقىقەتلەرگە قىل سىغمايدۇ،ھەممە كىشى باراۋەردۇر» دىگەن سۆلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە يەتسە! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،گىئورگىيەنىڭ قىزىل تېغىدا،قۇللارنىڭ بالىلىرى بىلەن قۇلدارلارنىڭ بالىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ،ئاكا-ئۇكا بولۇشسا! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،مىسسىپى شىتاتىمۇ ھەققانىيەت بايرىقىنى كۆتىرىپ،زۇلمەت دۇنيانىڭ قۇملۇقلىرى ھاققانىيەت دۇنياسىنىڭ بوستانلىقىغا ئايلانسا! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،مېنىڭ تۆت بالام كىشىگە تېرىسىنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئەمەس بەلكى ئەخلاقىنىڭ ياخشى يامانلىقىغا قاراپ باھا بېرىدىغان دۆلەتتە ياشىسا! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،ئاراباما شىتاتى ئۆزگىرىپ،بىر كۈنلەردە شۇ يەردىكى نېگىرلار ئاق تەنلىكلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ،بىللە ئىلگىرلىسە! شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،جىلغىلار ئۆرلەپ،تاغلار پەسىيىپ،مۇشاققەت يوللار تۈزلەنسە،نۇر جاھاننى قاپلىسا! مانا بۇ بىزنىڭ ئارزۇيىمىز!بىز مۇشۇ ئارزۇ بىلەن جەنۇپقا قايتتۇق.مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،ئۈمىتسىزلىك قىيالىرىنى ئارزۇلارغا تولدۇرالايمىز،مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،بۇ دۆلەتتىكى يېقىمسىز ئۇرۇش ئاۋازلىرىنى،يېقىملىق سېمفونىيەگە ئايلاندۇرالايمىز! مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،بىللە ئىشلىيەلەيمىز،بىللە دۇئا قىلالايمىز،بىللە كۆرەش قىلالايمىز،بىللە تۇرمىگە قامىلىمىز،ئەركىنلىكنى بىللە ھىمايە قىلالايمىز!شۇڭا ئىشىنىمىزكى،ھامىنى بىر كۈنى ئەركىنلىككە چىقىمىز! ئەركىنلىك يىتىپ كەلگەن كۈنى،پەرۋەردىگارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى باشقىچە زوق بىلەن،«مېنىڭ ۋەتىنىم،مېنىڭ گۈزەل ماكانىم،مەن سېنى كۈيلەيمەن،سەن ئاجداتلار قان بەرگەن زىمىن،سەن بىزنىڭ پەخرىمىز،ئەركىنلىك ئاۋازىمىز ھەر جايدا ياڭرار»دەپ ناخشا ئېيتىشىدۇ. ناۋادا ئامرىكا ئۇلۇغ دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن،بۇ ئارزۇ چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك!ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى زىمىنلارنى تىترىتىشى كېرەك!نيويورك شىتاتىنىڭ تاغۇ دەريالىرىنى تىترىتىشى كېرەك! ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى كولورادو سىتاتىنىڭ مۇزلۇقلىرىدا ياڭرىسۇن!ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى كالىفورنىيەنىڭ تاغلرىدا ياڭرىسۇن!بۇنىڭلىق بىلەنلە ئاماس،يەنە گىئورگىيە زىمىنىنىمۇ تەۋرەتسۇن!تىنناس شىتاتىدىكى تاغلاردا ياڭرسۇن! ئەركىنلىك ئاۋازى مىسسىپىنىڭ ھەر بىر تاغلىرىدا ياڭرىسۇن!ئامرىكىنىڭ ھەر بىر زىمىنىدا ياڭرىسۇن! بىزنىڭ ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى ياڭرىتايلى،ھەربىر شىتات ۋە شەھەرلەردە ياڭرىتايلى،بىز شۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تېزلىتەلەيمىز!شۇ چاغدا،پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرى نېگىرلار،ئاقلار،يەھۇدىلار ۋە غەيرى يەھۇدىلار،خىرىستىيانلار،كاتولىكلار قول تۇتۇشۇپ،بىر قەدىمىي نېگىر ناخشىسىنى ئېيتىشىدۇ«ئاخىرى ئەكىن بولدۇق،ئاخىرى ئەركىن بولدۇق،پەرۋەردىگارغا رەھمەت!بىز ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتۇق!»
  •  

    ئاپتورى: (ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات)

    قېيداش دىگەن بۇ سۆزنىڭ نارازىلىقتىن دېرەك بېردىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم.بۇ پىسخىكا گەرچە ھەممە مىللەت كىشىلىرىدە كۆرۈلسىمۇ،ئۇيغۇرلاردا نىسبەتەن گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ كەلدى.ئۇيغۇرلار ئۇزاق زامان تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرسىدە رەھىمسىز تەبىئەت ھادىسلىرى بىلەن تىنىمسىز كۆرەش قىلىش جەريانىدا ،مەلۇم بىر مەزگىل چۆللۈكنى گۈللەندۈرۈپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ياشىغان بولسىمۇ ،كۆپۈنچە ھاللاردا قۇم-بوراننىڭ شۇنداقلا قۇرغاقچىلىقنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمىدى.ئورۇن يۈتكەپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى بۇ دەريا قىرغىقىدا ياشىغۇچى جاپاكەش قەۋمدىن بارا-بارا يىراقلىشىپ،تەكلىماكان بويلىرىدا سۇ قوغلۇشۇپ يۆتكىلىپ ياشاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.مىڭ بىر مۇشەققەتتە قۇرۇپ چىققان باغۇ-بوستانلىقلار قۇرغاقچىلىق،قۇم-بوران... تۈپەيلىدىن خانىۋەيران بولدى.ئارزۇلاپ ياشاپ كەلگەن يۇرت-ماكانىدىن بىرقانچە رەت ئايرىلىپ قالدى. يۇمۇلاققۇم قەدىمى شەھىرى،دەندان ئۆيلۈك قەدىمى شەھىرى،كىرورەن قەدىمى شەھىرى...قاتارلىق قادىمى شەھەرلەرنىڭ خارابىسى بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ھازىرمۇ تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرسىدە ئېچىنىشلىق تارىختىن خەۋەر بېرىپ ،مۇڭلۇنۇپ ياتماقتا. دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن يىپەك يولىنىڭ بارا-بارا چۆلدەرەپ قېلىشى نەتىجىسىدە،بۇ يوللاردىن ماڭىدىغان كارۋانلارمۇ ئاستا-ئاستا ئازلاشقا باشلىدى.تەكلىماكاننىڭ غېرىپلىغى،بېكىك ھالىتى باشلىنىپ،سىرت بىلەن بولغان ئالاقە كۈنسايىن ئازلىدى.يۇرت-ماكانىدىن بىرقانچە رەت ئايرىلىپ قالغان بۇ قەۋم رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدى.بۇنى ئاز دەپ تارىختا زوراۋان كۈچلەرنىڭ تالان-تاراج قىلىشلىرى،ئېغىر باج-سېلىق،ئالۋان-ياساقلار بۇ ۋادىدا ياشىغۇچىلارنى ھەددىدىن تاشقىرى ھالسىرىتىپ قويدى.قۇرغاق مۇھىتتا مەنىۋىيىتى قۇرغاقلىشىپ،بېكىك ھالەتتە جىمغۇرلۇقنى يېتىلدۈرۈپ،بىر قانچە رەت خانىۋەيران بولۇش بىلەن دەۋردىن ۋە تەبىئەتتىن دىلى ئازار يەپ،قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مۇناسىپ نەتىجىسىنى كۆرەلمىگەن،نى-نى باتۇر ئەزىمەتلىرىدىن،مەرىپەتپەرۋەر ،ئوت يۈرەك زىيالىلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغان بۇ خەلق، كەلگۈسىىدىن ھېچقانداق ئۆمىد كۈتمەيدىغان،ھەممە ئىشقا سۈكۈت قىلىپ ياشايدىغان ئىچ مىجەزلىك خاراكتىرنى قەدەممۇ-قەدەم بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يىتىلدۈردى.تەبى پەنلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش،يېڭى -يېڭى ئىختىرالارنى كەشپ قىلىشتىن سۆز ئېچىشمۇ تەسكە چۈشتى.باشقا ئەللەرنىڭ ئىجات قىلغان يېڭى تېخنىكىلىرىنىڭ بۆسۈپ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدىكى سۆزلەرمۇ تېزدىن يېڭىلىنىپ باردى.تاكى يېقىنقى زاماندىكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىن ئىبارەت تەتۈر قويۇنمۇ ئەمدىلا باراۋەر تۇرمۇشقا ئېرىشكەن بۇ مىللەت كىشىلىرىنى ھەتتا ئاتا بىلەن بالا ئارىسىدىمۇ بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىش، ھەتتا مەيدانغا سۆرەپ چىقىپ پىپەن قىلىش ...دەك كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تىراگىدىيەگە مۇپتىلا قىلدى.ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى تولۇق دەڭسەپ كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا ئۆزىنى تەغدىرگە تاپشۇرۇش خاھىشى شەكىللىنىپ قالدى.ھەرقانداق ئېغىر كۈنلەرگىمۇ پەرۋا قىلماسلىق،بولىشىغا تۇرمۇش كەچۈرۈش مەۋقەسىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلدى.رىقابەتتىن ئۆزىنى قاچۈرۈش،قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ كارى بولماسلىق،رىئاللىقتىن ئاغرىنىش،جاھىللىق قاتارلىق كەيپىياتلار بىر پۈتۈن مىللەت خاراكتىرىنى ئىگەللىدى.ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىدىن خەۋەرسىز قالغان،ھەتتا ئۆزىنىڭ مىللەت نامىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەي دەپ قالغان بۇ قەۋم ئىچ پۇشۇقىنى نەغمە-ناۋا ئارقىلىق چىقىرىپ،ناخشا مۇزىكىغا ھېرىسمەنلىك كەيپىيات ئەۋج ئالدى.بېشىغا مەيلى قانداق قىسمەتلەر كېلىشىدىن قەتئى نەزەر ناخشا-مۇزىكىنى ئۆزىنى بەزلەشتىكى،روھى كەيپىياتنى تەڭشەشتىكى بىردىن بىر روھى ئوزۇق دەپ قارىدى.قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا ئۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى قىلىشتىن كۆرە، «خەققە نىمە بولسا ماڭىمۇ شۇ»دەپ پەرۋاسىزلىق بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىپ يۈرۈپ يېڭى-يېڭى خەلق كۈيلىرىنى ئىجات قىلدى. گويا يىلتىزسىز قامغاقتەك دەۋر شاماللىرىغا ئەگىشىپ شامال قايانغا ئۇچۇرسا شۇ ياققا ئۇچۇپ،يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەپ نىشانسىز ياشاۋەردى.باشقىلارغا قېيداش،ئۆز ھالىغا شۈكرى قىلىش بىلەن كۇپايىلەندى.بۈگۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دەۋرگە كەلگەندىلا بىر تۈركۈم زىيالىلار ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكىدىن ئىبارەت پىشاڭنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش،ئۆزىنى نامايەن قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ، جىددى ھەركەتكە كېلىپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاۋام ئۈچۈن زور روھى ئىلھام بەخش ئەتتى.لېكىن زور كۆپچىلىكنى ئىگەللىگەن دېھقان ئاممىسىنىڭ قوپاللىق بىلەن قېيداشلىرى تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى. تولا ئازار يىگەن بۇ قەۋم،مېھماندوستلۇقى بىلەن بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، تەسەللى تېپىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مېھماندوستلۇققىمۇ مۇددىئا ئارلىشىپ،خوشنا-خۇلۇم ،ئۇرۇق-تۇققان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئەمىلىگە ۋە ئىقتىسادىغا قاراپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ قالدى.قىينچىلىققا يولۇققاندا قېيداش، قوپاللىق قىلىش،بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىش قاتارلىق روھى ھالەتتىن تەل-تۈكۈس قۇتۇلۇپ كېتەلمىدى.

  • يانچۇق كولاپ ھېيىقماي نامىمىزنى ساتساڭمۇ،
    نادانلارچە پاتقاققا بېشىڭغىچە پاتساڭمۇ،
    ئازراققىنە نەپ ئۈچۈن چالما-كىسەك ئاتساڭمۇ،
    ھەي ئۇيغۇرۇم نەپرەت ............................،
    لىكىن سەندىن تانمايمەن

    بايۋەتچىگە خوش كۈلۈپ ئۇچۇق چىراي ئاچساڭمۇ ،
    نامراتلاردىن سەسكىنىپ يىراقلارغا قاچساڭمۇ،
    بۇسۇغىدا باشلىقنىڭ يۇندا يالاپ ياتساڭمۇ،
    يالغان ماختاپ بىراۋنى نەزمە-قوشاق قاتساڭمۇ،
    ھەي ئۇيغۇرۇم..........................،
    لىكىن سەندىن تانمايمەن

    ئاداۋەتنىڭ كۈلىنى بېشىمىزغا چاچساڭمۇ،
    ياڭاق ئېلىپ بېشىمىزدا چاقساڭمۇ،
    چېقىمچىنىڭ سۈيىدە دولقۇن ياساپ ئاقساڭمۇ،
    زەنجىرىدە قىلتاقنىڭ پۇتىمىزنى چاتساڭمۇ،
    ھەي ئۇيغۇرۇم ..........................،
    لىكىن سەندىن تانمايمەن

    ئەسلى مەنبەhttp://www.ajdad.7u7.com

     

  •  بىر نەچچە كۆن ئىلگىرى مەن تەسادىپى ھالدا  بىر دوسۇمنىڭ بلوگىغا خەت قالدۇرۇپ قۇيماقچى ئىدىم ، لىكىن ئىنكاس زادىلا يۇللانمىدى ،شۇنىڭ بىلەن  gmail  نى ئىچىپ، ئۇنىڭ خەت يېزىش رامكىسىغا  شۇ ئىنكاسنى    چاپلىدىم ، خەتلەر خۇددى بىز بلوگدا خاتىرە يىزىش كۈزنىكىگە چاپلىغاندا كۈرۈنگەندەك قالايمىقان كۈرۈندىكەن . بىر چاغدا بىر نىملەرنى قىلىپ خەتنىڭ قانداق قىلىپ ، مۇشۇ ھازىرقى چىرايلىق ھالەتكە كىلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدىم .     قايتىدىن تەپسىلى قارسام تۇۋەندىكى يۇل ئارقىلىق قىلغىلى بۇلدىكەن : 1- ئاۋال  ئۇيغۇرچىنى    word      تا ياكى تورخاندا بۇلسىڭىز بلوگنىڭ ئىنكاس يوللاش رامكىسىدىن پايدىلنىپ يىزۋالسىڭىزمۇ بۇلدۇ .  2-  ئۇنى  e - mail   نىڭ  تىكىست رامكىسىغا چاپلاڭ .  3 - چاپلانمىنى تاللاپ تۇرۇپ ،  <خەت نۇسخىسى > نى چىكىڭ .  4 _   <خەت نۇسخىسى >  تىزىملىگىدىن ،   comic sans ms  خەت نۇسىىسنى تالىسىڭىزلا ئىش پۈتتى . ئەمدى ئۇنى يۇللاپ كۆرۈپ بىقىڭ . مەن بۇنى 163 دىمۇ سىناپ باقتىم . ئۇخشاش بولدىكەن .  قىسقىسى  comic sans ms  خەت نۇسخىسى بۇلسىلا بۇلدىغاندەك تۇردۇ . ئەگەر بۇنى ئېل خەت ئىشلىتىدىغان بارلىق قىرىنداشلىرمىز قۇللانسا نېمە دىگەن ياخشى ئىش بۇلاتتى - ھە !

  •    تۈنۈگۈن بۇ يەردە ( ئۈرۈمچىدە) خىلى ئۇبدانلا قار ياغدى ، خۇددى نۇرۇزنى ئالدىن تەبرىكلىگەندەك . چۈشتە تاماق يېگىلى مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ ، مەكتەپ ئالدىدىكى يۇل بۇينىڭ بەئەينى  فوتو گىرافلار تارتىپ چىققان مەنزىرە رەسىمىدەك چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ كۆڭلۇم خىلىلا ئېچىلىپ قالدى ، مەن تەبىئەتكە تۇلىمۇ  ئامراق ، كىچىك چاغلىرىمدا قۇي باقىلى دالىلارغا چىققاندا چەكسىز ئۇپۇققا قاراپ ، ئاللانىڭ بۇ ئالەمنى نەقەدەر كەڭ ، بىپايان ياراتقانلىقىدىن دىلىم  سۆينۈپ كېتەتتى . ....
     بۈگۈن 3 - ئاينىڭ 21 - كۆنى يەنى ئۇلۇغ تۈركى مىلەتلىرنىڭ نۇرۇز بايرىمى . ئەتىگەندە سەنئەت ئىنىسىتىتۇتىغا كۆرگەزمە كۆرگىلى چىقتۇق ، كۆرگەزمىنى مۇدىرىنزىم ئۇسلۇبىدىكى
    بىر رەسسام ئاچقان ئىكەن ، رەسسامنىڭ سەنئەت ئىدىيىسىنى بۇ يەردىكىلەر ئانچە قۇبۇل قىلالمىدىمۇ قانداق كۆرگەزمىگە كەلگەن كىشلەر  ئاز ئىدى . مېنىڭچە بۇ رەسسامنىڭ ئەسەرلىردە غەرپ ھاز ىرقى زامان مودىرنزىم ئىلمىنتلىرى پەقەت ئەتلەس بىلەن ئۇراپ قۇيۇلغاندەكلا قىلاتتى . كۆرگەزمىدە داڭلىق ئۇيغۇر رەسساملىردىن تۇردى ئىمىن ( كانادا دۆلەت تەۋەلىكىدە ) ، ئۇستاز رەسسام غازى ئەھمەد ئوغلى يالقۇن غازىلارنى كۆردۈم .

  •  

    مەن بۇ يەرگە كۇرىسقا كىلىپ ، بىر نەچچە قىتىم ياتاق ئالماشتىم . ھازىر 5 قازاق بالىلار بىلەن يېتىۋاتىمەن . بۇلار بىلەن ئەزەلدىن مىللى قانداشلىقىمىز بۇلغاچقىمىكىن تىزلا چىقىشىپ كەتتىم ، بۇلارمۇ مېنى يات كۆرمەيدۇ ، يېتىپ - قۇپۇشتىن باشقا تاماق ۋە بازارغىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا بىللە چىقىمىز . قازاقلارنى مەن ئاقسۇدا كۆرۈپ باقمىغان ، دەسلەپتە كەلگەندە سىنىپىمىزدىكى قازاق بالىلارغا قىزقىش نەزىرى بىلەن قاراپ قالاتتىم ، ھازىر مانا ياتاقداش بۇلۇپ قالدۇق ، بۇلار ناھايتى ئۇچۇق ، بىرەر ئىشقا ئاچىقى كەلسە شۇ ھامان ئىنكاس بىلدۇردۇ ، بىزگە ئۇخشاش غۇم ساقلاپ يۈرمەيدۇ ، بۇلاردىن نۇرلان ئىسىملىك يىگىتنى تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدۇ ، ئۇ ياتىقىمىزدا خۇش چاقچاقلىغى ، ھازىر جاۋاپلىقى بىلەن داڭلىق ، ئۇ مەشھۇر قازاق شائىرى تاڭجارىق جۇلدىبايىپنىڭ سىڭلىسنىڭ ئوغلى ( دەل ئوتتۇردىكى بالاڭزا ). ئۇ  كەچلىكى دۇمبۇرسىنى تەڭكەش قىلىپ ، بەزىدە بىزنى ھەجىۋىلەشتۇرۇپ ، بەزىدە ئۈزىنىڭ قىزقارلىق ناخشىلىرى بىلەن بىزنى كۈلدۈرۈپ تىلىقتۇرۇپ قۇيىدۇ ، ھەر كۈنى كەچلىگى شۇنداق خۇشال كەيپىياتتا ئۇخلاپ قالىمىز .

  • http://image2.55.la/anonymous/logo/2009/03/19/13/1726403.gif